تۇرسۇنجان ياسىن

مائارىپى: سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى

ۋەزىپىسى: ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى

قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، ۋېلسىپىت مىنىش

ئەگىشىڭ: mobile email

ئۆتىدىغان دەرىسلىرى

دەرس نامى سائىتى ئەسلى باھاسى توردىكى باھاسى
مۇناسىۋەتلىك دەرس تېپىلمىدى.

تونۇشتۇرۇلۇشى

تۇرسۇنجان ياسىن باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئاقسۇ شەھىرىدە قوبۇل قىلىپ، 2005-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان.
2005-يىلى كىچىك كەشپىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بويىچە 3-دەرىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى يەنە «جېڭتەي ئەخلاق مۇكاپاتى»نى قولغا كەلتۈرگەن.
2 يىللىق تەييارلىق ئوقۇش جەريانىدا ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسال بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىگەن. 2007-يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا 4 يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىيولوگىيە تېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇشنى باشلىغان. كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىۋېرسال ساپانى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەر خىل پائالىيەت گۇرۇپپىسى ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. تىل بىلىمىنى تېخىمۇ بېيىتىپ دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ۋە 6-دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتكەن. شۇنداقلا، توفىل TOEFL ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى GRE دا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تەجرىبە توپلاش مەقسىتىدە، بىر يىل ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بېرىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش مېتودىنى تېخىمۇ ياخشىلىغان. 2012-يىلدىن باشلاپ ئاتلان مائارىپىدا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

فىلىملىرى

مۇناسىۋەتلىك فىلىم تېپىلمىدى.

فىلىم يوللاش

×
 
 
 
 
 


رەسىم يوللاش

×
 
 
 
 
 

رەسىملىرى

مۇناسىۋەتلىك رەسىم تېپىلمىدى.
×

سۆز قالدۇرۇش

 
×
ئۈندىدار
×
×
×