‏قاسىمجان ئابدۇرېھىم

مائارىپى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

ۋەزىپىسى: لېدىر

قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، چىنىقىش، ‏ساياھەت

ئەگىشىڭ: mobile email

ئۆتىدىغان دەرىسلىرى

دەرس نامى سائىتى ئەسلى باھاسى توردىكى باھاسى
مۇناسىۋەتلىك دەرس تېپىلمىدى.

تونۇشتۇرۇلۇشى

‏قاسىمجان ئابدۇرېھىم 1979-يىلى 10- ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 2006- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئاتلان مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي «ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى» ۋە ئارقىدىن «شىنجاڭ ئاتلان كەسىپي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» ھەمدە «شىنجاڭ ئاتلان مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مۇلازىمەتنى كۆتۈرە بېرىش تەربىيەلەش بازىسى» قاتارلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ 2012- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق «ئون مۇنەۋۋەر ياش ئىگىلىك تىكلەش چولپىنى»، 2011- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە « شىنجاڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش نەمۇنىچىسى»، 2010- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە « شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى»، 2009- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «ياش ئىگىلىك تىكلەش چولپىنى»، 2004-يىلى « CCTVلوڭقىسى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى «ئۈچىنچى دەرىجە مۇكاپاتى» ۋە « ئەڭ جەلپكار ماھىر مۇكاپاتى»، 2004- يىلى مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك «ئۈمىد يۇلتۇزى» ئىنگلىز تىلى تالانت مۇسابىقىسى «ئەڭ ياخشى تەلەپپۇز ماھىرى» قاتارلىق نەتىجە ۋە شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇ يەنە جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش كارخانچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

فىلىملىرى

فىلىم يوللاش

×
 
 
 
 
 


رەسىم يوللاش

×
 
 
 
 
 

×

سۆز قالدۇرۇش

 
  قاسىمجان مۇئەللىم، يېڭى دەرسلىرىڭىز قاچان باشلىنىدۇ؟
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىمجان مۇئەللىم مەن ئىنگىلىستىلى ئۈگەنمەكچىتىم ۋېتامىن ئىنگىلىستىلىدا ئوقىسام نەچچەلىك ۋاقىتتا سۆزلەشكۈدەك بولالايمە؟
  ياخشىمۇسىز، ۋىتامىن ئىنگلىز تىلىدا تەربىيىلىنىپ، دەرسلەرگە تولۇق قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى تۈزۈپ بەرگەن ئۆگىنىش پىلانىغا ماسلىشىپ ماڭسىڭىزلا، نۆلدىن باشلاپ تەخمىنەن ئالتە ئاي ئەتراپىدا چەتئەللىكلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلغۇدەك سەۋىيىگە كېلەلەيسىز.
×
ئۈندىدار
×
×
×