2016

03

2016-يىلى 3-ئايدا، ئاتلان مائارىپى ئورگان تور بېكىتى خىزمەت ئىلتىماس قىلىش، ماتېرىيال چۈشۈرۈش، تور بازىرى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن 2-نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

2016

02

2016-يىلى 2-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاتلان خەنزۇ تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

2016

02

2016-يىلى 2-ئايدا، «ئاتلان بالىلار ئىنگلىز تىلى» ئەپ دېتالىنىڭ ئايفون ۋە ئاندروئىد نۇسخىلىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

2016

01

2016-يىلى 1-ئايدا، ۋىتامىن خەنزۇ تىلى تەربىيەلەش پىروگراممىسى، 2-قارارلىق «چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىش سىنىپى، TOEFL ئىمتىھانغا كۈچەيتىش سىنىپى، بالىلار ئىنگلىز تىلى قىزىقىش يېتىلدۈرۈش سىنىپى، بالىلار ئىنگلىز تىلى دراما سىنىپى، «كومپيۇتېر تېخنىك خادىملىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش سىنىپى» قاتارلىق تۈرلەر رەسمىي باشلاندى.

2015

12

2015-يىلى 12-ئايدا، ئاتلان مائارىپى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ۋە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

2015

11

2015-يىلى 11-ئايدا، «ئاتلان لوڭقىسى» ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش تالانت مۇسابىقىسى ئاتلان مائارىپ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2015

10

2015-يىلى 10-ئايدا، بالىلار ئىنگلىز تىلى يىللىق سىنىپى، ئاندروئىد مۇھىتىدا ئەپ ئېچىش سىنىپى قاتارلىق يېڭى تۈرلەر باشلاندى.

2015

10

2015-يىلى 10-ئايدا، ئاتلان مائارىپى يېڭىدىن يولغا قويغان «نۆل سەۋىيەدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىنىپى»، «ILETS ئىمتىھانى كاپالەت سىنىپى» قاتارلىق تۈرلەر غەلىبىلىك ھالدا ئوقۇش باشلىدى.

2015

09

2015-يىلى 9-ئايدا، ئاتلان تور مەكتىپى ھەقلىق دەرسلىرى رەسمىي يولغا قويۇلدى، شۇنداقلا ساۋاقداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

2015

07

2015-يىلى 7-ئايدا، ئاتلاندىكى خادىملارنىڭ يازلىق يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

2015

06

2015-يىلى 6-ئايدا، ئاتلان تور مەكتىپى تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى ۋە تۇنجى قېتىملىق 10 سائەتلىك دەرسكە قاتناشقانلارنىڭ سانى 3800 دىن ئېشىپ كەتتى.

2015

04

2015-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئاتلان كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى «تور سودا خادىملىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپى»نى رەسمىي يولغا قويدى.

2015

03

2015-يىلى 3-ئايدا، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلىگەن ئاتلان – ئورگان تور بېكىتىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا رەسمىي ئېلان قىلدى.

2014

05

2014-يىلى ئاتلاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، شىركەت نامى «شىنجاڭ ئاتلان مائارىپ تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى»گە ئۆزگەرتىلدى.

2014

09

2014-يىلى 9-ئايدا، ئاتلان مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

2014

07

2014-يىلى 7-ئايدا، يان تېلېفون ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلشتۇرۇلغان نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.

2014

07

2014-يىلى 7-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا «ئاتلان مائارىپ سارىيى» قۇرۇلدى.

2014

03

2014-يىلى 3-ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئورگىنى بولۇپ تاللاندى.

2013

09

2013-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئاتلان مائارىپى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلى يۈرۈشلۈك دەرسلىكى «ئاتلان ئىنگلىز تىلى» ئاتلاندا قوللىنىلىشقا باشلىدى.

2013

05

2013-يىلى 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن «شىنجاڭ ئاتلان كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى» قۇرۇلدى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز IT ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىدى.

2013

03

2013-يىلى 3-ئايدا «ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى» ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللىك مۇتەخەسسسىلەر ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «چەتئەل مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش سالاھىيىتى» گە ئېرىشتى.

2012

12

2012-يىلى 12-ئايدا ئاتلان مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم جۇڭگو ياشلىرىغا ۋەكىل بولۇپ، «جۇڭگو-ھىندونېزىيە ياشلار دوستلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» گە قاتناشتى.

2012

11

2012-يىلى 11-ئايدا، قاسىمجان ئابدۇرېھىم تەڭرىتاغ رايونى بويىچە «ئون ياخشى ئىگىلىك تىكلەش يۇلتۇزى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

2012

08

2012-يىلى 8-ئايدا يازلىق تەتىللىك ئاتلان تالانت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى ۋە 17865 يۈەن نەقپۇل ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.

2012

06

2012-يىلى 6-ئايدا، ئاتلان توردا ئۆگىنىش سۇپىسى بولغان «ئاتلان تور دەرسخانىسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى.

2012

02

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاتلان تالانت كۆرىكى خەيرى-ساخاۋەت كېچىلىكى ھېسابىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 51395 يۈەن نەقپۇل نەقمەيداندا ئېھتىياجلىق بىمارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى.

2012

02

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىيەن ۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتلاندا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

2012

02

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن قاتارلىقلار رەھبەرلەر ئاتلاندا زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى.

2011

06

2011-يىلى 6-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش – پىراكتىكا بازىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

2011

06

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەخسەت قاتارلىق رەھبەرلەر ئاتلاندا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

2011

04

2011-يىلى 4-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ يېزا-بازار ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋ ە تەربىيىلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرى ئىگىلىك تىكلەش يۇلتۇزى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

2010

06

2010-يىلى 6-ئايدا قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتى ۋە شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش فوندى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسى» بولۇپ باھالاندى.

2010

04

2010-يىلى4-ئايدا قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتى تەرىپىدىن «ئىگىلىك تىكلەش يۇلتۇزى» بولۇپ باھالاندى.

2010

02

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۆتىنچى نۆۋەتلىك «ئاتلان تالانت كۆرىكى» شىنجاڭ ئۆكتەبىر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2009

12

2009-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە خەلق ئىگىلىكىدىكى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ئۈلگىلىك مەكتەپ ئېچىشتىكى مۇنەۋۋەر ئورۇن» بولۇپ باھالاندى.

2009

03

2009-يىلى 3-ئايدا دۇنياغا داڭلىق تىل ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى ئېچىش شىركىتى ئارولوگ [Auralog] (2014-يىلى دۇنياغا داڭلىق تىل ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى ئېچىش شىركىتى روزەتتاستوۋن[RosettaStone] بىلەن بىرلەشتى) بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئاتلان ۋىتامىن ئىنگلىز تىلى» بارلىققا كەلتۈردى.

2009

02

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «ئاتلان تالانت كۆرىكى» شىنجاڭ ئۆكتەبىر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2009

01

2009-يىلى 1-ئايدا ئاتلاننىڭ ئوقۇتۇش رايونى 3000 كۋادىرات مېتىرغا يەتتى.

2008

12

2008-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن «2008-يىللىق تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ باھالاندى.

2008

09

2008-يىلى 9-ئايدا «ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى ئىتتىپاق ياچېيكىسى» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومېتىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلاندى.

2008

07

2008-يىلى7-ئايدا ئاتلان ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2008

03

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ئاتلاندا زىيارەتتە بولدى.

2008

02

2008-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك «ئاتلان تالانت كۆرىكى» شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2007

09

2007-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت «ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى» دە زىيارەتتە بولدى ۋە بېغىشلىما يېزىپ بەردى.

2007

09

2007-يىلى 9-ئايدا 23-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا بېغىشلانغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئاتلان ئوقۇتقۇچىلار مەشرىپى» ئۆتكۈزۈلدى ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

2007

02

2007-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاتلان تالانت كۆرىكى» ئۆتكۈزۈلدى.

2006

10

2006-يىلى 10-ئايدا تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن «ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى» رەسمىي قۇرۇلدى.

2006

09

2006-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى بىلەن يەنئەن يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ خىزمەت بىناسىدا 600 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى كۆلەملەشكەن تىل ئۆگىنىش سورۇنى «ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى» قۇرۇلدى.

2006

07

2006-يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭ ئاتلان مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» قۇرۇلدى.

2005

07

2005-يىلى 270 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئۇلى بولغان تۇنجى ئوقۇتۇش رايونى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا قۇرۇلدى.

2005

09

2005-يىلى جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ، ئاۋسىترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن« دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەس-مۇنازىرە مۇسابىقىسى»گە قاتناشتى.

2004

06

2004-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى « CCTVلوڭقىسى» ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى «ئۈچىنچى دەرىجە مۇكاپاتى» ۋە « ئەڭ جەلپكار ماھىر مۇكاپاتى» ساھىبى بولدى.

2004

05

2004- يىلى مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك «ئۈمىد يۇلتۇزى» ئىنگلىز تىلى تالانت مۇسابىقىسى «ئەڭ ياخشى تەلەپپۇز ماھىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

2001

03

2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى ھەمدە شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي مەكتەپ رايونى ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا MOSAIC نامىدا ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش سىنىپلىرى ئېچىشنى باشلىدى.

1999

03

1999-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇنجى قارار ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى.

1996

05

1996-يىلى ئاتلان مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم قەشقەر شەھىرىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدى.

ATLAN

×
ئۈندىدار
×
×
×